تۈركىيەنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ماگناتلىرى ئامېرىكا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە ئاچتى

تۈركىيە شىركەتلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن بىرلىكتە ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 2023 – يىللىق سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسىگە قاتناشتى.

1960694
تۈركىيەنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ماگناتلىرى ئامېرىكا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە ئاچتى
abd uydu fuari satellite 2023.jpg
abd uydu fuari satellite 2023.jpg
abd uydu fuari satellite 2023.jpg
abd uydu fuari satellite 2023.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركسات، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى «TUSAŞ» ۋە «PROFEN» شىركەتلىرى «ئالەم بوشلۇقىدىكى كۈچىمىز ۋاشىنگىتوندا» دېگەن شوئار بىلەن يەرمەنكىدىن ئورۇن ئالدى.

2023 – يىللىق سۈنئىي ھەمراھ يەرمەنكىسىگە تۈركسات 5 ئا ۋە تۈركسات 5 ب سۇنئىي ھەمراھلىرىنى قاتناشتۇرغان تۈركسات شىركىتى يەنە، يەرلىك ۋە مىللىي «PeycON» ئانتېننا سىستېمىسى قاتارلىق يېڭى مۇلازىمىتىنى كۆرگەزمە قىلدى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى «TUSAŞ» مۇ يېڭى ئەۋلاد ئېلېكتر ئىتتىرىش سىستېمىسى ۋە ئالاقە سۈنئىي ھەمراھ ئائىلىسى بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشتى. يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانلارغا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان «گۆكتۈرك ي» يېڭىلاش سۈنئىي ھەمراھى ۋە «تۈركسات 6 ئا» سۈنئىي ھەمراھى قاتارلىق يېڭى ئەۋلاد مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى «TUSAŞ» يەنە، يەرشارىنى كۆزىتىش ۋە ئالاقە سۈنئىي ھەمراھ مەھسۇلاتلىرىنىمۇ كۆرگەزمە قىلدى.

يەرلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مۇقىم، ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كۆچمە ئانتېننا سىستېمىسى ئىشلەپچىقارغۇچىسى «PROFEN» شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى سىنان ئەرتاي ۋە ئەلچىخانا ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى خاقان چاملى يەرمەنكىدە تۈركىيە كۆرگەزمە زالىنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر