ئەردوغان: يېڭى شەھەرلەرنى زېمىنى مۇستەھكەم جايلارغا بەرپا قىلىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى شەھەرلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زېمىنى مۇستەھكەم جايلاردا بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1954603
ئەردوغان: يېڭى شەھەرلەرنى زېمىنى مۇستەھكەم جايلارغا بەرپا قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلغا جايلاشقان دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان «تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋپ قالقانى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە پۇقرالىرىمىزدىن 45 مىڭدىن ئارتۇق  كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 115 مىڭ مىشى يارىلاندى، بۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە چىدىغۇسىز دەرد – ئەلەملەرنى قالدۇردى. بۇ مىسلىسىز ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كېلىپ چىققان زىياننى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمىتى تاماملانغان چاغدا ھەرقايسى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئۆيلەر ۋە كەنت ئۆيلىرى سانىنىڭ ئېنىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى ئۆيلەر ۋە يېڭى ھايات ساھەلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى باشلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ئولتۇراقلىشىش رايونلىرى پىلانىغا ئاساسەن، شەھەرلىرىمىزنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۈزلەڭلىكلەردىن ئېگىزلىكلەرگە، زېمىنى مۇستەھكەم جايلارغا بەرپا قىلىمىز. يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنى قەدىمكى شەھەرلىرىمىز،  تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنىڭ ئىزنالىرىنى ساقلاپ قالغان، تەبىئىي ئاپەتلەرگە چىداملىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. جۈملىدىن يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنى بىناكارلىق ئىلمى ئاساسىدا پۇختا بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر