ئىككى تېررورچى تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى
بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولدى.
1951514
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 2 تېررورچى قايىل قىلىش تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولغان.
تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ 2015 - يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ھەمدە ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
بۇ يىل قايىل قىلىش ئارقىلىق تەسلىم بولغان تېرورچىلارنىڭ سانى 9 غا ئۆرلىدى.