ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شىۋېتسىيەگە ۋاكالىتەن، خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى يوھان فورسسېل تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
1949722
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى شىۋېتسىيەگە ۋاكالىتەن، خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى يوھان فورسسېل دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كاندىداتى تۈركىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى نامايان قىلىش، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە تۈركىيەدىن ھال سوراش ئۈچۈن، 2023 - يىلى 2 -ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولىدۇ.