پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف ئادىياماندا

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئادىياماننى زىيارەت قىلدى.

1947857
پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف ئادىياماندا
sahbaz serif adiyaman deprem.jpg
sahbaz serif adiyaman.jpg
sahbaz serif adiyaman deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف،6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 ، 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئادىياماندا زىيارەتتە بولدى.

ئايروپىلان بىلەن ئادىيامان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائسمايلئوغلۇ ۋە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى. شېرىف بۇ يەردە پاكىستاندىن ئېلىپ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تۈركىيە دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى.

شېرىف ئادىياماندا پاكىستان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە بۇ يەردە پاكىستان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇتقۇزۇۋالغان ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف قاتناش ۋە ئۇل- ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائسمايلئوغلۇ بىلەن سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشتىن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، «بىز تۈركىيە بىلەن گويا بىر ئائىلىمىز. تۈركىيە بىلەن پاكىستان خۇددىي بىر قەلبنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىللەت، بىر روھقا ئوخشايدۇ» دېدى.

شېرىف تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، پاكىستاننىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ئەترەتلىرىدىن سىرت يەنە، قىشلىق چېدىر، ئەدىيال ۋە باشقا ئېھتىياجلىق لازىمەتلىكلەرنى دەرھال تۈركىيەگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىرئاز ئىلگىرى شەھەردىكى ۋەيرانچىلىقلارنى كۆردۈم؛ ئۆي – ماكانلار ۋە ئىش ئورۇنلىرى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كېتىپتۇ. قەدىرلىك قېرىندىشىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ، شۇنداقلا جەسۇر تۈركىيە خەلقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرستىپ، بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر