تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 مىڭ يېرىمدىن ئاشتى

قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 16 مىڭ 546 گە يەتتى.

1944555
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 مىڭ يېرىمدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ يەر تەۋەرلەشلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 16 مىڭ 546 گە، يارىلانغانلارنىڭ 66 مىڭ 132 گە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپەت رايونلىرىدا 113 مىڭ 201 خادىم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاپەت رايونلىرىغا ئەۋەتىلگەن 94 مىڭدىن ئارتۇق چېدىرنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇلدى.

ئاپەت رايونلىرىغا يەنە، 95 كۆچمە ئاشخانا، 79 يېمەك-ئىچمەك تارقىتىش ئاپتوموبىلى، بىر مۇقىم ئاشخانا، تۆت كۆچمە تونۇر، 39 دالا ئاشخانىسى، بىر كونتېينېر ئاشخانىسى ۋە 86 مۇلازىمەت ئاپتوموبىلى ئەۋەتىلدى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن (9-فېۋرال) 11 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ ئاپەت رايونلىرىدىن تاشيول، تۆمۈر يل ۋە ھاۋا يوللىرى بىلەن 28 مىڭ 44 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر