«2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك «2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى قارستا باشلاندى.

1941220
«2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھەمراھلىقىدىكى ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ، گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇئانشېر بۇرجۇلادزې ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە، «2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، شېھىت بىرىنچى سېرژانت ئىلھام ھاملى ھەربىي مانېۋىر ساھەسىگە يېتىپ باردى.

ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىكى ھەيئەت بۇ يەردە، 17 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان ھەربىي مانېۋىرھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

مىنىستىر ئاقار رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقارنىڭ مېھمان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشىدىن كېيىن، «2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوق ئېتىش قىسىملىرى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر