ئەردوغان ياۋروپا ئەللىرىدە قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1939065
ئەردوغان ياۋروپا ئەللىرىدە قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان: «ئۇلار پەقەت خاراكتېرلىرىنىڭ بۇزۇقلىقىنى ئاشكارىلىماقتا» دېدى.

ئەردوغان گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا ئۆتكۈزۈلگەن «گوللاندىيە تۈركلىرى بىلەن ئاممىۋى ئۇچرىشىش» پائالىيىتىگە تېلېفۇن بىلەن ئۇلىنىپ سۆز قىلدى.

ئەردوغان ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ، «قۇرئاننىڭ قوغدىغۇچىسى ھەممنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولغان ئاللاھتۇر. ئۇلار پەقەت خاراكتېرىنىڭ بۇزۇقلىقىنى ئاشكارىلىماقتا. تەۋراتنى قوغداش قارارى ئالغانلار، ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە قارشى ئەخلاقسىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىماقتا» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر