تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەنىڭ شىمالەدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 15 تېررورچى تۇتقۇن قىلىندى.

1938301
تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا
el bab deas.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلباب مەھەللىي بىخەتەرلىك كۈچلىرى غازىئانتەپ ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ناھىيەدىكى دائېشچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن بىرىنى ئۆز ئىچىگە 16 كىشىنى قولغا چۈشۈردى؛ ئۇلاردىن 15 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۆت مىلتىق، 85 پاي ئوق ۋە كۆپ مىقداردا رەقەملىك ماتېرىيال قولغا چۈشۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاندا «25 – قېتىملىق ئەرەن مۇھاسىرە كۈز – قىش زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش ۋە رايونغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ۋاندا باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 480 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 باياناتتا، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشنى نىشان قىلغان «ئەرەن مۇھاسىرە كۈز – قىش زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى» نىڭ خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا قەتئىيلىك بىلەن غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر