تۈركىيە – ئامېرىكا ھەيئەتلىرى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ھەيئەتلىرىنىڭ « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1935419
تۈركىيە – ئامېرىكا ھەيئەتلىرى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 1-قېتىملىقى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ھەيئەتلەرنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى، كېلەر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ باھار ئايلىرىدا يەنە ئەنقەرەدە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پىلانلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر