خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1931493
خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار سۆھبەتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم نۇقتىسىدىن ھەر سەۋىيەدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

قارا دېڭىز ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى دائىرىسىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن تەخمىنەن 17 مىليون توننا ئاشلىقنىڭ بىخەتەر ھالدا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان خۇلۇسى ئاقار، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر