تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىنىڭ ھىران رايونىغا جايلاشقان ماھاس شەھەر مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1928320
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ھىران رايونىغا جايلاشقان ماھاس شەھەر مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىدە ھەردائىم سومالىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ھەم دوستلىرىغا، شۇنداقلا، قېرىنداش دۆلەت سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يارىدارلارنىڭ بىر قىسمى، موگادىشۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر