سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1928306
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى، كېچە – كۈندۈز، تاغ – داۋان ۋە چۆل – جەزىرە دېمەستىن قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە، <زەيتۇن شېخى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى بۇزۇش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.