ئەردوغان: بىز بۈگۈن پارلاق يېڭى يۈز يىلغا قەدەم باسىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن پەقەت يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپلا قالماستىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلاق يۈز يىلىغىمۇ قەدەم باسىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1925999
ئەردوغان: بىز بۈگۈن پارلاق يېڭى يۈز يىلغا قەدەم باسىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈركىيە خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە 2022 – يىلى ھەققىدە توختالدى.

2022 – يىلى دۆلەت مىقياسىدا مۇھىت تازىلاش، نۆل تاشلاندۇق ۋە شەھەر مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تۇرالغۇ خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى، دەسلەپكى قەدەمدە 5 مىڭ 615 تۇرالغۇنىڭ سېلىنغانلىقىنى، 45 مىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆيىنى تاماملىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

100 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككەنلىكلىرىنى، 49 خەلق باغچىسىنى تاماملاپ، ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، خەلق باغچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 152 گە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، 310  لايىھەنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2030 – يىلغىچە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى بۇلغىمىنى ئازايتىش نىشانىنى % 41 كە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن  ئەردوغان، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا 231 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «18 دۆلەت بىلەن بولغان سودىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن <يىراقتىكى دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەسى> نى يولغا قويدۇق.»

«بىز بۈگۈن پەقەت يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپلا قالماستىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارلاق يۈز يىلىغىمۇ قەدەم باسىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر