ئىراقنىڭ شىمالىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1917258
ئىراقنىڭ شىمالىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش پائالىيەتلىرىمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. ھاقۇرق ۋە ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 11 تېررورچى، قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

تۈنۈگۈنمۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئافرىن كاتتىباشلىرىدىن بىرى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 2 تېررورچىنىڭ، تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

باياناتتا، بىر تەرەپ قىلىنغان ئىككى تېررورچىدىن بىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئافرىن ئازادلىق كۈچلىرى كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى كۈرىشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر