تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئامېرىكا تەربىيەلىگەن تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئامېرىكا كۈچلىرى تەربىيەلىگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش جەزىيە رايونى مەسئۇلى راج ھابۇر لەقەملىك جىۋانا ھېسو ئىسىملىك تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1915874
تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئامېرىكا تەربىيەلىگەن تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سېپىدە سۇيىقەست تەلىم – تەربىيەسى بېرىدىغان تېررورچى، تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان تېررورچىلارنى تەربىيەلەيتتى. تېررورچى ھېسو تەربىيەلىگەن تېررورچىلار، «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونى، ماردىن، شىرناق لىنىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باراتتى.

تېررورلۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ «بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تېررورچىلار» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان تېررورچى، ساھە بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىلگەن تېررورچى، ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر