سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بەش تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1914685
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بەش تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېغىر زەربىلەرنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى، زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى رايونلىرىغا كۈشكۈرتچىىك قىلىش مەقسىتىدە ئوق چىقارغان بەش تېررورىستنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئىشتىخبارات ئىدارىسىنىڭ شىمالىي سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئەين ئىسا ئىشتاتىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن كود ئىسمى «مىزگىن كوبانى» بولغان سىھام مىسلىھ ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى.

تىنچلىق بۇلىقى رايونىدىكى تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى تەشكىللىگەن مىسلىھنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى بىلىنەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر