مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

مىللىي جۇمھۇرىيىتى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئەين ئىسا ئۆلكىسى مەسئۇللىرىدىن «مىزگىن كوبانى»نى ئۇجۇقتۇردى.

1914627
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن تېررورچى مىسلىھنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىش ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، باشقا تېررورچىلارنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ئەين ئىسا ئۆلكىسى مەسئۇللىرىدىن مىسلىھنى  ئۇجۇقتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر