ئەردوغان تاشقى سىياسەت ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىر بىلەن نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ ئالدى بىلەن مىنىستىرلار، ئاندىن رەھبەرلەرسەۋىيەسىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1911647
ئەردوغان تاشقى سىياسەت ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (27-نويابىر) كونيادا زىيارەتتە بولدى ۋە ياشلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئەردوغان ئالدىنقى ھەپتە قاتاردا مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «يېرىم سائەت، بەلكى 45 مىنۇتقىچە سىسى ئەپەندى بىلەن تار دائىرىلىك بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۈق. <ھازىرچە تۆۋەن قاتلامدا مىنىستىرلىرىمىز ئۆزئارا بېرىپ كېلىشنى باشلىسۇن، ئاندىن بىز مۇزاكىرىلىرىمىزنى كېڭەيتەيلى، تەرەققىي قىلدۇرايلى. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، سىلەر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكنى ھەل قىلىش. ئاقدېڭىزدا تۈركىيە - مىسىر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى كېرەك> دېدۇق. بىز يەنە ئوخشىمايدىغان بەزى تېمىلارنىمۇ سۆزلەشتۇق. مەن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇمۇ بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىنتايىن خۇشالكەن. بىزمۇ ئوخشاشلا خۇشاللىق تىلىكىمىزنى يوللىدۇق. ھازىر مۇساپە باشلاندى، مىنىستىرلىرىمىز بىلەن بىر مۇساپە داۋاملىشىدۇ. ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئاقدېڭىزدا (چۈنكى مىسىر خەلقى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئالاقە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن پەرقلىق) بۇ كۈچنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. گىرېتسىيەنىڭ بۇ يەرلەرگىچە كېلىشى؛ بۇ بولمايدىغان بىر ئىش.  شۇڭا مەن ياخشى ئىلگىرىلەشلەر بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يىرىكچىلىكىدىن نەپ ئۈندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئوڭشىلىشى بىلەن ئويۇنلار بۇزۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ بار. ھازىر بىزنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ھالەتتە ۋە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئېنىقكى بەزىلەرنى بىئارام قىلماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە مىسىر بىلەن ئىشلار قانداق يولىغا چۈشسە، سۈرىيە بىلەنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. سىياسەتتە قىيىداشقا بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر