ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورچىلار تەرىپىدىن بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان رايونلارغا قارىتا «پەنچە – قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى»  ئېلىپ بېرىلدى.

1908301
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورچىلار تەرىپىدىن بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان رايونلارغا قارىتا «پەنچە – قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى»  ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«پ ك ك/ك ج ك/ي پ گ ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن خەلقىمىزگە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى يوقىتىش شۇنداقلا چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېررورلۇقنى مەنبەسىدە بىتەرەپ قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدىن ھاسىل قىلىنغان ھەقلىق مۇداپىئە ھوقۇقىمىزغا بىنائەن ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېرورچىلار تەرىپىدىن دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان رايونلارغا <پەنچە – قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى> ئېلىپ بېرىلدى»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېرورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تېررورلۇقنىڭ ئۇۋۇلىرى دەل نىشان بىلەن پاچاقلاپ تاشلانماقتا» دېيىلدى.

باياناتقا يەنە، تېررورلۇق نىشانلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغان پەيتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك  كۆرۈنۈشلەر  ئىلاۋە قىلىندى.

بۇ ئارىلىقتا، <پەنچە – قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى>  گە مۇناسىۋەتلىك قوللاش باياناتلىرىمۇ كېلىشكە باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى ۋەدات بىلگىن تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى قوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر