فارۇق قايماقچى شىۋېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى رەئىسى، باش ئەلچى فارۇق قايماقچى، شىۋېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1906705
فارۇق قايماقچى شىۋېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى رەئىسى، باش ئەلچى فارۇق قايماقچى، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، باش ئەلچى يان كنۇتسون بىلەن تۈركىيە - شىۋىتسىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ستوكھولمغا بارىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي مەسلىھەت يىغىنلىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، فارۇق قايماقچىنىڭ  16 - نويابىردىن 17 - نويابىرغىچە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «سىياسىي مەسلىھەت يىغىنلىرىدا، تۈركىيە - شىۋېتسىيە مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ 2023 – يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكىدىن ئىلگىرى تۈركىيە - ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلانماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر