ئوقتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغان پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1905326
ئوقتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي، ت ر ت خەۋەر قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا باھا بەردى؛ ئۇ سۆزى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆكتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدىكى: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى قىبرىس تۈركلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، ۋاقىتنى زايە قىلماستىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز سىياسىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئوقتاي، «بۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭمۇ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز بۇ يەردە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولماي تۇرۇپ تۈركىيە، تۈركىيە بولماي تۇرۇپ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولمايدىغان بىر تەڭلىمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمىز» دېدى.

فۇئات ئوقتاي، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق چارىلەرگە ئاۋاز قوشقان بولۇشىغا قارىماي، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمدىكى بىردىنبىر چارىنىڭ ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە باراۋەر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، ب د ت يىغىنىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئوقتاي، «بىز ئەمدى بۇنى ئېتىراپ قىلىنىش يولى ئارقىلىق قىلىمىز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر