ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈندىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى بىلەن ياۋروپا بويىچە يەنە بىرىنچى بولدى.

1905347
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يول باشلاش بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ ئۇچۇش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى، 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1232 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولغان.

دوكلاتتا، مۇنداق دېيىلگەن:  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1248 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ئەڭ كۆپ بولغان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى رەتكە تىزىلدى.»

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا، لوندون خىتروۋ ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1157 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئىككىنچى رەتكە، پارىژ چارلېز دېگول ايرودۇرۇمى1147 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئۈچىنچى رەتكە تىزىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر