ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق دەۋرى نىشانىمىزنىڭ ساھىبى پۈتكۈل خەلقىمىزدۇر

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى» نىڭ ئەسلى ساھىبىنىڭ 85 مىليون تۈركىيە خەلقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1903257
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق دەۋرى نىشانىمىزنىڭ ساھىبى پۈتكۈل خەلقىمىزدۇر
erdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدىكى بەشتەپە مىللىي قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2000 يېزا ھاياتلىق مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى» غا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «<تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى> نىڭ ئەسلى ساھىبى 85 مىليون خەلقىمىزنىڭ ھەممىسىدۇر. بۇ ئۇلۇغۋار نىشان، پۈتكۈل دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلگاھى بولىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنى دۇنيانىڭ پارلاق چولپىنىغا ئايلاندۇرغىنىمىزدەك، بىز بۈگۈن <تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى نىشانى> غىمۇ چوقۇم بىرلىكتە يېتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر