توگگنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەڭگى ئاشكارىلاندى

تۈركىيەنىڭ مىللىي ئاپتوموبىلى توگگنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەڭگى «كاپادوكيا» بولدى.

1903037
توگگنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەڭگى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ مىللىي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى توگگنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە، توگگنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەڭگى «كاپادوكيا» بولغان.

توگگ گۇرۇھىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلگەن: «سىلەردىن كەلگەن 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇچۇر ۋە پىكىر – قاراشنى تەكشۈردۇق. رەڭ ھەققىدە ئېلىپ بارغان راي سىنىشىمىزنىڭ چېمپىيونى <كاپادوكيا> بولدى. ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىمىزدىن راس سىناشقا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر