سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1901886
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «قەھرىمان ئارمىيەمىز پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان تېررورچىلارنى پۇشايمان قىلدۇردى! سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررور ۋە تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈنۈملۈك شۇنداقلا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر