گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 47 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1894300
گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايدىن ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى، كۆچمەن ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش باشقارمىسى ئەترەتلىرى، قۇشئاداسى ناھىيەسىنىڭ زەيتىنلىك رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 23 ى پەلەستىنلىك، 20 سى كونگولۇق، 1 ى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىلىك، 1 ى يەمەنلىك، 1 ى ئانگولالىق، 1 ى چادلىق بولۇپ، جەمئىي 47 قانۇنسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر، قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغانلاردىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر