ئەردوغان: تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەققانىيەتچىل  يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا سەل قارايدىغان ئاز سانلىقلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1892133
ئەردوغان: تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەققانىيەتچىل  يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلىشى كېرەك
sevket mirziyoyev-erdogan.jpg
kazakistan zirve-6.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  6 – نۆۋەتلىك ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنى، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا باشلاندى.

مۇستەقىللىق سارىيىدا  قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ ساھىبخانىلىقىدا باشلانغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇتۇق سۆزلىدى.

دۇنيا تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئۆزگىرىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ نۇرغۇن ساھەدە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان،  بۇنىڭغا ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىق تەھدىتلەرنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا سەل قارايدىغان ئاز سانلىقلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان ئەمەس، ئەكسىچە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان تېخىمۇ ئادىل ۋە ھەققانىيەتچىل يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلىشى لازىم.»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىدىغان، تەتۈر تەشۋىقات  ئېلىپ بارىدىغان ۋە ئۆزىگە يانتاياق بولىدىغان كىشىلەرنى توپلاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان گۇرۇھلارنىڭ شەرتسىز ھالدا چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە  يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئافغانىستاننى داۋاملىق قوللاشقا چاقىردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر