تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە  ۋېنېزۇئېلادا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش پالاكەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1890894
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ۋېنېزۇئېلانىڭ لاس تېجېرائاس شەھىرىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش پالاكەتلىرىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە دوست دۆلەت ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

ۋېنېزۇئېلانىڭ لاس تېجېرائاس شەھىرىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش پالاكەتلىرىدە كەم دېگەندە 25 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 52 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر