سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1882327
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسلىرى ھەرگىزمۇ جاۋابسىز قالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش مەقسىتىدە تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 3 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

بۇ ئارىلىقتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئەرەن قامال قىلىش – 34» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، دىيارباقىر – دىجلە قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر