ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ھەققىدە ۋىدېئولۇق ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1881097
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستاندا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا دوستلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىز ئارقىلىق يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىمىزغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»

ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئېلىپ بارغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىغا ئالاقىدار ۋىدېئومۇ ئورۇن ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدىكى پىروگراممىلىرىنى تاماملاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىگەيۈرۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر