ئەردوغان: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىياغا ئېچىلغان كۆزنەكلىرىمىزدىن بىرىگە ئايلاندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئاسىياغا ئېچىلغان كۆزنەكلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1880873
ئەردوغان: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىياغا ئېچىلغان كۆزنەكلىرىمىزدىن بىرىگە ئايلاندى
erdoğan-kerimov kabri-2.jpg
Şanghay İşbirliği Örgütü.jpg
Şangay-Semerkant-Mirziyoyev.jpg
Şangay-Özbekistan.png

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئاسىيانىڭ كەڭ قورساقلىق مۇھىتى ۋە قەدىمكىي مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ سەۋەبتىن تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ تەشكىلات ئاسىياغا ئېچىلغان كۆزنەكلىرىمىزدىن بىرىگە ئايلاندى.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ئورنىنىڭ ئۇنىڭغا مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ چۈشەنچە بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىقتىسادقىچە، ئېنېرگىيەدىن قاتناشقىچە، دېھقانچىلىقتىن ساياھەتچىلىككىچە بولغان ھەر ساھەدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مەسىلىلەر يەر شارىلىشىۋاتقان بىر دەۋرنىڭ باشتىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  مەزگىلىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ياخشى سىناق بەرمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە: «تۈركىيە 161 دۆلەت ۋە 12 خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ياردەم قىلدۇق. ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تەتقىقى قىلىپ ياساپ چىققان تۈركوۋاك (TURKOVAC) ۋاكسىناسىنى ئىنسانىيەتكە سۇندۇق» دېدى.

ئۇ يەر شارى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ئادىل تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز كىشىلەرنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلىپ، رايونىمىز ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رايونلاردا تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ قارادېڭىز ئارقىلىق توشۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ئۇكرائىنا-رۇسىيە بىلەن زىچ ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تېررورىزمنىڭ چېگرا تونۇمايدىغانلىقىنى ۋە مەينەت يۈزىنى كۈندىن-كۈنگە نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «گەرچە بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يالغۇز قالغان بولساقمۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر