تۈركىيە – ئامېرىكا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەلىك مىخانىزمىنىڭ  3- نۆۋەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى.

1880786
تۈركىيە – ئامېرىكا مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئۆنال، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ھەيئەتلەر، رايوندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ھەمدە ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزم ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى  كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىشنى تەشۋىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەيئىتى، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ قارادېڭىزدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن يىغىندا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش، ئۈنۈم ۋە ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ ئورتاق تىرىشىدىغانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان تەرەپلەر، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئىتتىپاقدىشى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەم يەر شارىۋى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر