ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەتە ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ.

1879780
ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىپ، بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، شەھەرنىڭ «ئەبەدىي شەھەر» دەپمۇ ئاتىلىدىغان يېڭى بەرپا قىلىنغان رايونلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە بىر قىسىم رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەردوغان ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىپ، ئائىلە سۈرىتىگە چۈشىدۇ ۋە يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە سۆز قىلىدۇ.

رەسمىي چۈشلۈك تاماققا قاتنىشىدىغان ئەردوغاننىڭ، باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلدارلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا.

ئاشلىق كارىدورى مەسىلىسىنىڭ ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

باشلىقلار يىغىنىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىرى، بېلارۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى، ھەمدە ساھىبخان دۆلەت ئۆزبېكىستاننىڭ پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەكلىپ قىلغان تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر