قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە 2 تېررورچى تەسلىم بولدى

قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە 2 تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1879939
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە يەنە 2 تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىرلىقنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، يەنە ئىككى تېررورچى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەسلىم بولغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ 2014 – يىلى، يەنە بىرىنىڭ بۇ يىل بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 83 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر