مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىككى تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، گۈنەي ۋە سۇلەيمان ئىسىملىك ئىككى تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى.

1879788
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىككى تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ماھمۇر لاگېرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، «شاھان/جىھان» كود ئىسىملىك خاتىب گۈنەي بىلەن سۈرىيە پۇقراسى «تەكوشىن قامىشلى / جىۋان» كود ئىسىملىك ئايا ئەھمەد سۇلەيماننى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئەڭ مۇھىم بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان ماھمۇر لاگېرىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قولغا چۈشۈرۈلگەن گۈنەي ۋە سۇلەيمان قاتارلىق ئىككى تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن.

2019-يىلى 9-ئايدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك نىڭ تاغلىق رايون توپىغا قېتىلىش ئۈچۈن ۋاننىڭ باشقەلئە ناھىيەسى ئارقىلىق قانۇنسىز ھالدا ئىران تەرەپكە ئۆتكەن خاتىپ گۈنەينىڭ، ئۇ يەردىن ئىراققا بېرىپ مەشىققە قاتناشقانلىقى، مەشىقتىن كېيىن ماھمۇر لاگېرىغا ئەۋەتىلىپ ئىدىيەۋى ۋە قوراللىق مەشىقلەردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتالمىش ​​كوماندا قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلاندى.

تېررورچى ئايا ئەھمەد سۇلەيمان بولسا، 2015-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك – پ ي د/ي پ گ – ي پ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلمىسىغا قاتناشقانلىقى، 2017-يىلى سۈرىيەدىن ئىراققا بېرىپ، گارادا مەشىققە قاتناشقانلىقى، ئاۋاشىن-باسيان رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 2018-يىلى  ماھمۇر لاگېرىغا بارغانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر