ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن 10 – 12 – سېنتەبىر كۈنلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، قەندىل رايونىدا بىر، گارا رايونىدا 3 بولۇپ، جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 5 تېررورچى، تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان ئازگاللارغا كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 5 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.