مەھمۇد زاھىد سوباچى  مىللىي تېخنىكا ھەرىكىتىنىڭ پېشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ باش دېرىكتورى پروفېسسور دوكتور مەھمۇد زاھىد سوباچى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى (TEKNOFEST) نى قارا دېڭىزدا زىيارەت قىلدى.

1875506
مەھمۇد زاھىد سوباچى  مىللىي تېخنىكا ھەرىكىتىنىڭ پېشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى
sobaci teknofest.jpg
sobaci teknofest1.jpg

 

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ باش دېرىكتورى پروفېسسور دوكتور مەھمۇد زاھىد سوباچى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنىكا فېستىۋالى (TEKNOFEST) نى قارا دېڭىزدا زىيارەت قىلدى.

مەھمۇد زاھىد سوباچى  ت ر ت نىڭ ئاچقان بۆلۈملىرىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە بۇنىڭ بىر تېخنىكا فېستىۋالى بولۇشتىنمۇ ھالقىپ، تۈركىيە ياشلىرى ۋە  ئۆسمۈرلىرىنىڭ، قايتىدىن ئويغىنىشىنى شۇنداقلا مىللىي تېخنىكا ھەرىكىتىنىڭ پېشىپ يېتىلگەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمۇد زاھىد سوباچى فېستىۋالغا كەلگەن ياشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە يېتىپ كەلگەن نۇقتىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ت ر ت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بۇ فېستىۋالغا ئۇچۇر - ئالاقە كاپالەتچىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھمۇد زاھىد سوباچى ئاندىن فېستىۋال رايوندىكى ھەر قايسى بۆلۈملەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئاخىرىدا مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر