تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

قاتناش مىنىستىرى ئادىل كارائىسمائىلئوغلۇ تۈركىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان ئۈچ دۆلەتنىڭ قاتناش ئىمكانىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1871603
تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈكىيە قاتناش مىنىستىرى كارائىسمائىلئوغلۇ گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىستا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە ئۈچ تەرەپ مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ۋە تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشقان ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ تۈركىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ دوست، شۇنداقلا قېرىنداش دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش كارىدورلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە دۆلەتلىرىمىز مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. قاتناش كارىدورلىرى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، ئارىمىزدىكى ئىتتىپاقلىق ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە ئىقتىسادىي سەۋىيەدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى ۋە تۈركىيەدىكى مارماراي تۆمۈر يولى لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىر خىتايدىن يولغا چىققانچە لوندونغىچە بارالايدىغان پويىزلىرىمىز قاتناشنى باشلىدى. بارلىق يوشۇرۇن كۈچلەرنى قىزىپ چىقىرىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا كۆرۈشۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر