فاتىھ دۆنمەز قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سائاد شەرىدا ئەلقابى بىلەن كۆرۈشتى.

1871863
فاتىھ دۆنمەز قاتارنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈنۈگۈن (23-ئاۋغۇست) ئۇمماندا ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇچرىشىىشلىرىدا بولغاندىن كېيىن، بۈگۈن قاتار پايتەختى دوھادا مەنسەپدېشى ئەلقابى بىلەن كۆرۈشتى.

زىيارەت دائىرىسىدىكى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدۇرغان سىجىل ئېنېرگىيە ۋە ھىدرو كاربون قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرەلەر ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر