ئەردوغان پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى كۆرۈشتۈرۈش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزىنىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى يۈزتۇرانە كۆرۈشتۈرۈش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى.

1871065
ئەردوغان پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىينى كۆرۈشتۈرۈش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى پارتلىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ پەيدا قىلغان تەسىرلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«پەقەت ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىشنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھالقىلىق بىر ئىش. دۆلىتىمىز نامايان قىلغان بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشقا ساھەلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينى تۈركىيەدە بىر يەرگە جەم قىلىپ، كىرىزىسنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر