ئەردوغان: مەقسىتىمىز ئەتراپىمىزدا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «مەقسىتىمىز يېقىن قوشنىلىرىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىشتۇر» دېدى.

1871152
ئەردوغان: مەقسىتىمىز ئەتراپىمىزدا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ژاندارما ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ۋە سېرژانتلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە، ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى مالىمانچىلىقلارنىڭ، يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ، سۈرىيەدىكى زۇلۇم ۋە ھۇجۇملارنىڭ، بالقان رايونىدىكى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەرنىڭ، قوشنىلىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كەڭ رايوندىكى كىرىزىسلارنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىۋاتقان بىر دۆلەت... بىز <بىزنىڭ قۇددۇس بىلەن، ئىراق بىلەن، يەمەن بىلەن، سۈرىيە بىلەن نېمە ئىشىمىز> دېيەلمەيمىز. بىز غەربلىكلەرگە ئوخشاش «نېمە كارىم» دېيەلمەيمىز. بىز بىر بۈيۈك دۆلەتمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بىز ھېچكىمگە ئۆچمەنلىك قىلمايمىز. مەقسىتىمىز يېقىن قوشنىلىرىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىزدا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا نامايان قىلدۇق. تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە... بىز تېررورلۇقنىڭ ئىشىكىمىزگىچە كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن، ئۇنى ئۇۋىسىدا تۇرغۇزۇپ يوقىتىمىز. تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت چوڭقۇرلۇقىنى سۈرىيەدىن ئىراققىچە كېڭەيتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر