چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بوررېل ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئۈستىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1871086
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بوررېل ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن جوسېپ بوررېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بوررېل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ،  ئۆزىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ۋە «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئازايتىشى مەسىلىسىدە ئوينىغان رولىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ھەمدە: «مەن بۇ مەنىسىز ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە نەزىرىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر