تۈركىيە ئەسكەرلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىۋاتقان 3 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1870845
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنى بايقالغان يەردە ئۇجۇقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.