ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1869695
ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لۋىۋ شەھىرىگە كەتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارەت ئۆمىكىدىن ئورۇن ئالغان مىنىستىر ئاقار، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

پوتوچكى سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر