ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يايىر لاپىد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1869351
ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يايىر لاپىدنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن مەمنۇنلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان «ئۆز-ئارا باش ئەلچىلەرنى تەيىنلەش» قارارىنى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، يېڭى باش ئەلچى تەيىنلەش مەسىلىسىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە سۆھبەتنىڭ سىجىل ئاساستا ۋە ئۆز-ئارا سەزگۈرلۈكلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر