ئايدىندا گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ دىدىم ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 5 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1867293
ئايدىندا گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشتاب، ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ دىدىم ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، رايونغا ساھىل بىخەتەرلىك پاراخوتىنى ئەۋەتكەن.

گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 5 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر