ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1864478
ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان 4 تېررورچىنىڭ، تۈركىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كەسكىن داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2002 – ۋە 20221 – يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىپ، ئىراقتا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان، يېقىندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى، قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 68 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر