سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان ۋە ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1861576
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان ۋە ھۇجۇم قىلىشقا تەييالىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 13 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.