مىللىي ئىستىخابارات تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن يەنە بىرىنى ئۇجۇقتۇردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاتالمىش ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ئۆلكە مەسئۇلى «كەندال ئەرمەنى» تەخەللۇسلۇق شاھىن تەكىنتانغاچ، بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1858656
مىللىي ئىستىخابارات تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن يەنە بىرىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىلگىرى ئاغرى، قارس، ۋان، بىنگۆل ۋە بىتلىس تاغلىق رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان تېرروچى تەكىنتانغاچنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) ئالاھىدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان، ھەتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى پات – پات ۋەقە سادىر قىلىپ تۇرىدىغان چېگرا بويىدىكى ئەينۇلئەرەبنىڭ ئاتالمىش ئۆلكە مەسئۇلى تەكىنتانغاچنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر